Unutdim歌詞
添加日期:2024-01-10 時長:03分21秒 歌手:Perhat Gheni
作詞 : Hoji Matkurban
作曲 : Hoji Matkurban
♢ئـۇنـۇتـتـۇم♢
دوست دەپ تۇتۇپ قۇلۇمدىن
نىشانىمدىن يۇلۇمدىن
مىنى شۇنداق ئازدۇرغان
شۇ دوستلارنى ئۇنۇتتۇم
مىنى شۇنداق ئازدۇرغان
شۇ دوستلارنى ئۇنۇتتۇم
يالغان كۈلۈپ ئالدىمدا
ھىيلە-نىيرەن ئارقىمدا
مەن شاتلانسام قايغۇرغان
شۇ دوستلارنى ئۇنۇتتۇم
مەن شاتلانسام قايغۇرغان
شۇ دوستلارنى ئۇنۇتتۇم
ھەسەل قىلىپ تىلىنى
زەھەر قىلىپ دىلىنى
ماڭا غەيۋەت ياغدۇرغان
شۇ سۆزلەرنى ئۇنۇتتۇم
ماڭا غەيۋەت ياغدۇرغان
شۇ دوستلارنى ئۇنۇتتۇم
ماڭا غەيۋەت ياغدۇرغان
شۇ دوستلارنى ئۇنۇتتۇم
※مـۇزىكـا※
ئاتا ئانامكەن بايلىغىم
قېرندىشىم بارلىغىم
مەنپەت ئۈچۈن قارىغان
شۇ كۆزلەرنى ئۇنۇتتۇم
مەنپەت ئۈچۈن قارىغان
شۇ كۆزلەرنى ئۇنۇتتۇم
مەنپەت ئۈچۈن قارىغان
شۇ كۆزلەرنى ئۇنۇتتۇم
شۇ دوستلارنى ئۇنۇتتۇم
#The·End#