Bu Hayat歌詞

添加日期:2023-12-24 時長:04分40秒 歌手:Erkin Kerim

作詞 : Ehmet Nasir
作曲 : Erkin Kerim
بۇ ھايات
تەرجىمان:ئەزھەرجان مەھمۇد
چالغۇلاشتۇرغۇچى:ئەزىزجان يىمىت
ئاۋاز ئۈنۈم:ئەلى ئاقسوپا
بۇ ھايات شۇنداق ھايات ئاچچىقى ھەم تاتلىقى بار
بەزىدە كەڭدۇر باغرى بەزىدە ھەم ئەجەپمۇ تار
كۈندۈزى كۈلسە يۈرەك تۈنلەر ئارا غەملەرگە يار
بۇ ھايات شۇنداق ھايات سۆيۈپ سۆيۈپ قانمايدىغان
بۇ ھايات شۇنداق ھايات ئارمانلىرى تۈگۈمەيدىغان
مەنزىلىگە ئاتلار سېلىپ بەيگىسىدىن قالمايدىغان
كۆكتە ئاي يۇلتۇزلاردەك گاھىدا تەڭ چاقنايدىغان
مۇزىكا
بۇ ھايات شۇنداق ھايات ئازغانلىرى چۆلدە بولۇر
بۇ ھايات شۇنداق ھايات دەشتى باياۋانمۇ ياتۇر
بۇ ھايات باقى ئەمەس سەندىنمۇ ھەم مەندىن قالۇر
پارلىغان ئۈمۈد نۇرى ساڭا ھامان كۈلۈپ باقۇر
بۇ ھايات......
更多>

喜歡【Erkin Kerim】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞