Wada歌詞
添加日期:2023-12-16 時長:03分03秒 歌手:3TOZ
作詞 : 3TOZ
作曲 : 3TOZ
編曲 : 3TOZ
ھازىرغىچە ئېسىمدە
سېنى تۇنجى كۆرگىنىم
ۋۇجۇدۇمغا ئوت سالغان
ئىدى خۇمار كۆزلىرىڭ
كۈلۈپ باقساڭ ماڭا ھەر
ئويناپ كېتەر يۈرىكىم
ئىشەنچىم بار بېسىشقا
ئۇزۇن مۈشكۈل سەپەرنى
ئارمىنىم شۇ ئۇزاق يول
مەھكەم تۇتسام قولۇڭنى
رەت قىلىمەن سەن ئۈچۈن
باشقا گۈزەلنى
ئايمۇ كۈلسۇن شادلىنىپ
بىز چۆمگەندە بەختكە
توختاپ قالسۇن ۋاقىتمۇ
بىز سۆيۈشكەن شۇ دەئدە
مەن بارىمەن يېنىڭغا
سەنمۇ كەلگىن قېشىمغا
چىگىلسۇن چىڭ رىشتىمىز
ئۈزۈلمىسۇن
باھار-بىرلا پەسىل بار
سۆيگۈ ۋەسلى بېھىشتە
ئۆتسەم پەقەت سەن بىلەن
ئۆمۈر تامام ئېتىشكە
يۇلتۇزلارنىڭ ئالدىدا
بەردىم ساڭا يار قەسەم
قوغدايمەن سېنى ھەم
ئىززىتىڭنى جان بىلەن
ۋەدە: ئەگەر مەنلا بار
بولماس ھەرگىز كۆزۈڭ نەم
خۇشاللىقنىڭ ئەلچىسى
سەندە بولغاي كۈندە جەم
سەن مېنىڭ بول مەن سېنىڭ
بىرگە ئۆتكىن مەن بىلەن
گۈل ئېچىلسۇن بەختتىن
داۋانلاردىن ئاشايلى
دەريالارنى كېزىپ ھەم
بوران چاپقۇنلاردىمۇ
قوللار مەھكەم تۇتاشقان
ساڭا ئېيتار سۆزۈم كۆپ
مىڭ كۈن كېتەر سۆزلىسەم
ئارزۇيۇم بار بەك ئاددىي
شامىڭ بولۇپ ئۆچمىسەم
ئۆلۈم پەيتى كەلسىمۇ
كۆيۈشسەككەن سەن ۋە مەن
بۇ سۆيگۈ بىر رىۋايەت
ئەۋلاتلارغا ئىز- قەدەم
بۇ سۆيگۈ بىر رىۋايەت
ئەۋلاتلارغا ئىز- قەدەم ھازىرغىچە ئېسىمدە