?歌詞

添加日期:2023-07-25 時長:02分31秒 歌手:Yiltiz

作詞 : Yiltiz
作曲 : 無
سەن ھەقىقەتنى سۆزلەمسەن ياكى يالغان دەۋراڭ سالامسەن؟
ئاڭلىمايدۇ دۇنيا ھەم كۆرمەيدۇ ئۇ بىر بۇلۇڭدا قالامسەن؟
ياتامسەن ياكى قوپامسەن ماڭامسەن ياكى تۇرامسەن؟
تاللاش سەندە ئۇچامسەن كۆكتە ياكى شاخقا قونامسەن؟
يىقىلامسەن يىغلامسەن كۈلەمسەن قاپاق تۈرەمسەن؟
تاللا بوزەك بولامسەن ياكى قايتۇرۇپ مۇش ئاتەمسەن؟
ئوينامسەن يا ئوقامسەن ھۆددىسىدىن چىقامسەن؟
پو ئاتەمسەن راست بولامسەن دېگىنىڭنى قىلامسەن؟
كۆيۈنەمسەن كۆيەلەمسەن مۇھاببەتنى ھېس قىلامسەن؟
يىقىلغاننى يۆلەمسەن يا ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تىپەمسەن؟
كېتەمسەن يا قالامسەن مەيدانىڭدا چىڭ تۇرامسەن؟
ئالامسە يا ساتامسە ھەق ناھەقنى ئايرىمسەن؟
ئىنسان بولامسە ھايۋانمۇ جاپا تارتىشنى بىلەمسەن؟
كۆنەمسەن شارائىتقا ياكى ئۆزگەرتىشكە كۈچەمسەن؟
دەردىڭ بولسا تۆكەمسەن يا ئىچىڭگە يۈتەمسەن؟
توپقا سىڭىپ كىرەمسەن يا مەڭگۇ يالغۇزلا ئۆتەمسەن؟
ئاتا قىلىشنى بىلەمسە سىڭگەنگە شۈكرى قىلامسەن ؟
يا توختىماي تەلەپ قىلامسەن نىم بەرسە شۇنى ئالامسەن؟
رەت قىلىشنى بىلەمسەن خەق كۈلسە سەنمۇ كۈلەمسەن؟
پەيتى كەلسە ئەگەردە ئاناڭ ئۈچۈن سەن ئۆلەمسەن؟
ھۆرمەت قىلىشنى بۈلەمسەن ھۆرمىتىڭنى ئىزدەمسەن؟
ئەركەك تۇرۇپ نامنى دەپلا ئۆزۈڭنى خەققە قىز دەمسەن؟
خىجىل بولۇشنى بىلەمسەن خاتالىقىڭنى تونالامسەن؟
مەيدەڭگە ئۇرۇپ تۇرۇپ بۇرۇت قويۇپ يۈرەمسەن؟
ئائىلە نىمە بىلەمسەن قۇرۇپ قويۇپ كېچەمسەن؟
ئاتا-ئانا بالا غىمىدە بالا تۇرۇپ ئۇلارغا يانامسەن؟
ھېس قىلامسەن كۈن چىقىشنى شەپەق رەڭگىنى بىلەمسەن؟
كېچىلىرى يالغۇز ياكى ھەمرا يۇلتۇز سانامسەن؟
تەبىئەت ئاناڭنى تونامسەن ئانچە مۇنچە قوغدامسەن؟
بىلەمسەن زادى ئۇ بولمىسا ساق سالامەت تۇرامسەن؟
پۇل دېگەن نىمىنى بىلەمسە ئۇنى يامان دەپ يۈرەمسەن؟
سىناپ باق يانغونسىز يەنە تۇرمۇشقا كۆنەمسەن؟
كاردىن چىقسا تاشلامسەن ياكى ئۇنى قايتا ئوڭشامسەن؟
تاللاش سەندە يەنىلا رەت قىلامسەن قۇبۇل قىلامسەن؟
更多>

喜歡【Yiltiz】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞