Kaqur Ozum (對不起“自己”)歌詞

添加日期:2024-02-13 時長:04分52秒 歌手:Abdulla Abdurehim 阿不都拉

作詞 : Abdurixit Barat Oyghak
作曲 : Askar Muhtar
編曲 : Askar Muhtar
«كەچۈر ئۆزۈم»
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
سۆزى: ئابدۇرىشىت بارات ئويغاق
مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختەر
ئاكورتلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر مۇختەر
ئۈنۈملىگۈچى: كېرەمجان مەمەتئېلى
...
كەچۈر «ئۆزۈم»، سېنى ئۇنتۇپ كەتكىنىمنى
ئازاپلاردا يۈرەگىمنى داغلاپتىمەن
«ھالىڭ نىچۈك؟» دىمەپتىمەن ھازىرغىچە
سېنى گويا قورام تاشتەك چاغلاپتىمەن
سېنى گويا قورام تاشتەك چاغلاپتىمەن
مۇزىكا
گاھى جۇدۇن، گاھى داۋان، گاھى چۆلدە
گاھى ئىسسىق تومۇزدا قاقلاپتىمەن
تۇرمۇشنى دەپ، دوست-يارەن دەپ، دۇنيانى دەپ
غەملەرنى يەپ ھېرىپتىمەن، چارچاپتىمەن
غەملەرنى يەپ ھېرىپتىمەن، چارچاپتىمەن
مۇزىكا
ئاسرىماستىن سېنى ئۆزۈم بىرەر قېتىم
ئۆزگىلەرنى سېنىڭدىن بەك ئاسراپتىمەن
ئەي.... جانەي...
كەچۈر «ئۆزۈم»، بىلگەن چاغدا قەدرىڭنى مەن
ھالسىزلىنىپ مۇشۇ ھالغا كىلىپ قاپتىمەن، جانەي
كەچۈر «ئۆزۈم»، مىنى كەچۈر!
كەچۈر «ئۆزۈم»، مېنى كەچۈر
كەچۈر «ئۆزۈم»، سېنى ئۇنتۇپ قالغىنىمنى
جانلىرىڭغا تۈمەن جاپا سالغىنىمنى
كەچۈر «ئۆزۈم»، سېنى ئۇنتۇپ قالغانلىرىمنى
جانلىرىڭغا تۈمەن جاپا سالغانلىرىمنى
جانلىرىڭغا تۈمەن جاپا سالغانلىرىمنى
كەچۈر «ئۆزۈم»، مېنى كەچۈر، كەچۈر مېنى!
——
《Kechur Ozum / 對不起自己》
Abdulla Abdurehim 阿不都拉
〖新疆比歐生醫健康管理有限公司〗贊助
『阿不都拉工作室』出品
「編詞、翻譯:ALM灬阿帥」
更多>

喜歡【Abdulla Abdurehim 阿不都拉】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞