Guljinig Yaz kunliri歌詞

添加日期:2023-12-25 時長:05分33秒 歌手:izhar-Muhtar

作詞 : Yusupjan Keyum
作曲 : izhar-Muhtar
ھويلىلاردا ئىچىلار رەڭدار جۇلا گۇللىرى
قاقمايدىمۇ كىرپىك تۇندىمۇ ئەيلەپ ناۋا بۇلبۇللىرى
مەس ئىتەر، مەستخۇش ئىتەر ئىلى دەريا بويلىرى
گۇل بىلەن رەيھان پۇرايدۇ غۇلجىنىڭ ياز كۇنلىرى
گۇل بىلەن رەيھان پۇرايدۇ غۇلجىنىڭ ياز كۇنلىرى
كىلىدۇ سەلكىن شامال يارنىڭ پۇراقىنى ئىلىپ
كۆز قىسار قوي كۆز بۇلاقلار يۇرىكىڭگە ئوت سېلىپ
يۇرىدۇ قىزلار ئىتىزدا بىدە كۆك يالپۇز تىرىپ
باغرىدىن سۆيگۇ تارايدۇ غۇلجىنىڭ ياز كۈنلىرى
باغرىدىن سۆيگۇ تارايدۇ غۇلجىنىڭ ياز كۈنلىرى
ئوخشىغاي ئەتكەن چىيى ئانىلارنىڭ قولىدا
مىمھانغا ئاتار بارىنى، كۆزى مىھمان يولىدا
شادلىنىپ جان يارىغاي ھەر كوچا، ھەر ھويلىدا
ھەممىگە شۇنداق يارايدۇ غۇلجىنىڭ ياز كۈنلىرى
ھەممىگە شۇنداق يارايدۇ غۇلجىنىڭ ياز كۈنلىرى
كۇلكە چاقچاق بەزمىدە باغلار ئاۋات، تاغلار ئاۋات
بولغۇسى ھەر ناخشىغا دۇتار بىلەن تەمبۇر قانات
مۇڭدۇشۇپ دوسلار بىلەن مەنىلىك ئۆتكەي ھايات
دوس ياران باغدا تۇنەيدۇ، غۇلجىنىڭ ياز كۈنلىرى
دوس ياران باغدا تۇنەيدۇ، غۇلجىنىڭ ياز كۈنلىرى
ھەممىگە شۇنداق يارايدۇ غۇلجىنىڭ ياز كۈنلىرى
更多>

喜歡【izhar-Muhtar】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞