Qaranquk歌詞
添加日期:2023-12-15 時長:03分06秒 歌手:Teshwish
作詞 : Teshwish/Shift
作曲 : Teshwish/Shift
Verse 1 Shift
سىم-سىم يامغۇر چۈشكەندىن باشلاپ ،لەپ-لەپ قارغىچە ،
ئىزدىمەيسەن سېنغىپ مەن ئۆزۈم ئىزدەپ بارغىچە .
ھەر دايىم تەڭ تۇرۇتتىڭ كۆڭلۈم يېرىم يېتىپ قالسام ،
ئاچىقلايتىڭ كۆپ سۆزلىسەم توۋلاپ ماڭا ھارغىچە .
ئايرىلايلى! دەيتىڭ دائىم ئايرىلىپلا <<جان>> تاپتىڭ،
ئويلاپ قويغىن مەندەك ئاددىي ئاشىققىمۇ جان تاتلىق !
قىينىۋەتتىم، يا قىينىدىڭ ئۆزۈمنى بەزلىدىم
تۇنجى قاردا سەن بەك ئىسسىق مەن تىتىرەپ ئەسلىدىم
قارانچۇقمەن يۈز بەرگەنگە قاراشنىلا بىلەتتىم ،
ئەسلىمەمدە سەن بەك ئىللىق ماڭا قاراپ خۇش كۈلەتتىڭ
سەن باشقىنىڭ قوينىدىلا تۇنجى قارمۇ ئۆتۈپ كەتتى
بەزىدە ئويلاپ كۈلۈپ كېتىمەن چىڭ تۇتساممۇ يۈتۈپ كەتتى
ئادەم بەكلا قىينىلدىكەن، سۆيۈپ قالسا سۆيمىگەننى
سۆيگۈ شۇنداق سىنىلدىكەن ،سۆيىمەن دېسە ئۆل دېگەننى
ئۆزۈمگە بەك ئۆش بولدۇم ، ئويلاپ باقمسام ئاخماق كەنمەن
مۇھاببەتتە تۆمۈر دەيتىڭ ، پاق پاق كەنسەن !
مەس بولۇپ كېچىدە سىرتتا يېېتىپ، توڭلاپ يەنە ئۆيگە قايتتىم ،
بىچچارە ئانامنىڭ قۇچىقى ئىسسىق ،شۇ قۇچاققا ئۆزۈمنى ئاتتىم !
ئاددىيغىنە ئايرىلىشتا قىيالمىدىم سوراي سەنچۇ
يالغۇز قالدىم كەتتىم ئۆزۈم، سەن بىپەرۋا قارا مەنچۇ
بوپتۇ دېدىم ۋاز كېچەي ،بۇ تەغدىرنىڭ بەرگىنى ئەمما،
ئېسىل مېۋە شاختا قالسا ، سەن يەردىكى، تەرگىنى مەنما .
ئويلاپ ئاخىرى قايىل بولدۇم، ئۆزۈمدەك ئاخماققا ،
سەن كۆنۈپ كەتتىڭ ئايرىلايلى دېگەن چاقچاققا .
Verse 2 Teshwish
نۇقسانسىز ئەتىرگۈل سەن ، قەلبىمنىڭ نۇرى ،
بۇرۇچۇم دەپ بىلىپ كەلدىم. شۇڭا قۇشلاردىن مەن توستۇم ،
كۈندىزى قۇياش بىلەن ، كېىچسى ئا ينىڭ نۇرىدىن ھەمرا !
قارانچۇقمەن سەن مېنىڭكى ، پەقەت بىردىن- بىرلا دوستۇم .
يىراقتەكلاھەممە مەندىن ، پەقەتلا سەنلا يېنىمدا
باشقىسى ماڭا كېرەك ئەمەس ، گۈللا مېنىڭ خىلىم دەپتىم ،
ئويلىدىم مېنى چۈشەنسىكەن ،شۇنچىلىك سۆزلىگىم با
ئامالسىز تىكىلىپ قاراپ تۇردۇم ، قالغاچقا بۇرۇنلا تىلىم گەپتىن .
يېنىڭدا مەن ، باھار ياز، ، كۈز، ھەتتا قىشتا .
بەلكىم سەنمۇ زېرىككەنسەن ، ئۈن چىقارماي تۇرۇشۇمدىن ،
ئارتۇقلا غەم ، كەچۈرۋەتكىن خاتا بولسا ،
پەقەت ئەنسىرەپلا كەلدىم ، ئېچىلالماي قۇرۇشۇڭدىن .
ئورنۇمدا تۇرۇپ كەلدىم ، يېنىمدىن كەت دېگەندە !
چۈنكى ماڭا بىلىنگەنتى ، ئازاپمۇ شېرىن تەمدەكلا !
بىلدىم ئەمدى كېرىكىم يوق ، خۇشال بەلكىم قۇش بىلەن سەن
ساڭا بەلكىم بىلىنگەندۇ، مەندە ئازاپلا كەمدەكلا !
توسۇشقا ئامالسىزمەن ، ئۈن چىقارماي يىراقلاشتىڭ ،
دېيىلگەندە مەن ئۈچۈن ،ئەمما ئۆزۈڭلا خۇش بولۇشتى ،
ئەگەر بىر كۈن ئەسلەپ قالساڭ ،يېنىمغا قايتقىڭ كېلىپ ،
قارانچۇق بۇرۇنلا ئۆلگەن بولىدۇ، تاللىغان بولىمەن قۇش بولۇشنى