akma yeshim(翻自 furino)歌詞
添加日期:2023-12-08 時長:02分02秒 歌手:ares
作詞 : 無
作曲 : 無
ئاقما يېشىم يۈز كەلگىن ئەي، ئاتاڭدىن قالغان قامەتلەرگە،
ئاقما يېشىم ئاۋارە بولما، ئەرزىمەيدۇ نامەردلەرگە،
ئاقما يېشىم ئەمدى توختا ، تۆككەن ياشنىڭمۇ نەقى بولسۇن .
ياش تۆككەن باشقا تەر تۆككەن باشقا ئېتىلما چۈشكەن ئامەتلەرگە .
ئاقما يېشىم سوت ئېچىلمىغان، ناھەق ئۈچۈن تۆكۈلمە،
ئاقما يېشىم يېقىلمىغان، نامەرد ئۈچۈن تۆكۈلمە .
كىرپىكنى سىرغىغان تامچىلارنىڭمۇ، تۆكۈلىدىغان ئورنى بولىدۇ،
ئاقما يېشىم ھامان 1كۈنى، سېنى ئالىدىغان قويۇم بولىدۇ .
ئاقما يېشىم يۈز كەلگىن ئەي، ئاتاڭدىن قالغان قامەتلەرگە،
ئاقما يېشىم ئاۋارە بولما، ئەرزىمەيدۇ نامەردلەرگە،
ئاقما يېشىم بىۋاپاغا، ئارقىدىن يالۋۇرۇپ تۆكۈلمە
ئاقما يېشىم جاپالارغا ، تەقدىرگە ئاھ ئۇرۇپ تۆكۈلمە .
ئاقما يېشىم كەلمەسكە كەتكەن، ئەزىزلىرىڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە،
ئاقما يېشىم پەلەككە يەتكەن، قەرزلىرىڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە .
ئاقما يېشىم سېتىلىپ كەتكەن، ئاغىنەڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە،
ئاقما يېشىم چېچىلىپ كەتكەن، ئائلەڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە .
بارلىقىڭنى ۋەيران قىلغان ئاشىقىڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە،
گاداي ۋاقتىڭدا تاشلاپ كەتكەن، مەشۇقۇڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە . تەتۈر پىشانە تەقدىرىڭدىكى، مۇساپىلە ئۈچۈن تۆكۈلمە
قوينى ئاچساڭ سوغۇق تەگكەن، مۇئامىلە ئۈچۈن تۆكۈلمە .
كىشىگە تۆكسەڭ پەرۋا قىلمىغان, نالەڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە,
كۆزۈڭ ئوچۇق يېتەلمەي، كەتكەن غايەڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە.
ئارزۇيۇڭ ئۈچۈن تۆلىيەلمىگەن، بەدەللەر ئۈچۈن تۆكۈلمە،
قەدىناسلار بىلەن كۆتۈرەلمىگەن، قەدەھلەر ئۈچۈن تۆكۈلمە .