aynuri白月光歌詞

添加日期:2023-03-31 時長:03分51秒 歌手:Zulpikar-yusup

作詞 : Pakzat-Ablimit
作曲 : Mayir/Zulpikar-yusup
編曲 : AbduKahar-NurMamat
كىمنىڭ ياشلىقىدا بولمىغان مەشۇق ئاي نۇرى
‎بىر پىيالىمەي ئەسلىتەر سېنىڭ ئىسمىڭنى
‎شۇ مەسلىكتە ياد ئېتىپ مەن ئۇنى
‎تۇنجۇق تۇردى ئۆتمۈش مېنىڭ كۆڭلۈمنى
پەقەتكى تەقدىر شۇنداق يادلارغا كۆندۈم
يادلارنىڭ كۈلكىسىدىن سايەڭنى كۆردۈم
كۈلسەممۇ گەرچە ئەمما قىسىلدى نەپەس
سەۋەب مەن بەخىت بەرگەن چۈنكى سەن ئەمەس
‎ ئەجەبا بېرەرمەنمۇ مېنىڭ قەلب سىرىمنى ؟
‎يېنىمدىكى ناتونۇش ، قىزغا كۆڭۈل سىرىمنى
‎يېنىمدىكى بولمىسىمۇ سۆيگۈ تاللىشىم
‎رىۋايەتكە مەنسۇپ بولسۇن مېنىڭ سۆيگۈنۈم
音樂
ھەسىرىتىم ئۆتمۈشۈم سەن مېنىڭ ئارمىنىم
سۈكۈتلەرگە چۆمدۈم بىلسەڭ ئۇنىتالمىدىم
مەغلۇب بولدى بىر دەرس شۇڭا غەرەزسىز ئىدىم
قالمىدى سۆيگۈگە ئۈمىد تەشۋىشىم
‎ مەن گويا سۇسىز بولۇپ سارغايغان ياپراق
‎يات تۇپراقتا مەن ھەمدەم يېقىلغان ، توغراق
‎سەن شۇئان بېغىمدىكى بىر گۈل ئىدىڭ
‎ئەسلىمەمدە ئەمدى چېچەك ئاچقان گۈللۈم بولدۇڭ ئارمىنىم
‎ئەجەبا بېرەرمەنمۇ مېنىڭ قەلب سىرىمنى ؟
‎يېنىمدىكى ناتونۇش ، قىزغا كۆڭۈل سىرىمنى
‎يېنىمدىكى بولمىسىمۇ سۆيگۈ تاللىشىم
‎رىۋايەتكە مەنسۇپ بولسۇن مېنىڭ سۆيگۈنۈم
رىۋايەتكە مەنسۇپ بولسۇن مېنىڭ سۆيگۈنۈم
更多>

喜歡【Zulpikar-yusup】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞