Ata Anam歌詞

添加日期:2022-09-28 時長:04分21秒 歌手:Bilal Enwer

作詞 : Musajan osman
作曲 : Bilal Enwer
編曲 : Emran Yusup
تاغلاردىن قامەتلىك مەزمۇتتۇر ئاتام
باغلاردىن چىرايلىق گۈزەلدۇر ئانام
تاغلاردىن قامەتلىك مەزمۇتتۇر ئاتام
باغلاردىن چىرايلىق گۈزەلدۇر ئانام
يىقىلسام يۆلىكىم ئۇچسام قانىتىم
بەختىمگە مەدەتكار باغرىم ئاتا ئانام
يىقىلسام يۆلىكىم ئۇچسام قانىتىم
بەختىمگە مەدەتكار باغرىم ئاتا ئانام
♪Bilal Enwar ♪
يەلكەڭگە مىندۇرۇپ ھارمىغانلىرىڭ
بالام دەپ جاپادىن قاچمىغانلىرىڭ
يەلكەڭگە مىندۇرۇپ ھارمىغانلىرىڭ
بالام دەپ جاپادىن قاچمىغانلىرىڭ
ئويلىسام سىلەردەك كىم سۆيەلەيدۇ
راست تۇرسا قۇياشتەك نۇر چاچقانلىرىڭ
ئويلىسام سىلەردەك كىم سۆيەلەيدۇ
راست تۇرسا قۇياشتەك نۇر چاچقانلىرىڭ
♪Bilal Enwar♪
سىلەرسىز قىززىماس توي مەرىكىلەر
سىلەرسىز چوڭ بولماس خان مەلىكىلەر
سىلەرسىز قىززىماس توي مەرىكىلەر
سىلەرسىز چوڭ بولماس خان مەلىكىلەر
سىلەرسىز چوڭ بولماس قىران يىگىتلەر
ھاياتتا گۈلخان بولۇپ يانغان ئاتا ئانام
سىلەرسىز چوڭ بولماس قىران يىگىتلەر
ھاياتتا گۈلخان بولۇپ يانغان ئاتا ئانام
ئەي………ئەي………
بارىنى بىزلەرگە بېرىپ سۆيۈنۈپ
ئۆزىگە كۆيۈنمەي بىزگە كۆيۈنۈپ
بالام دەپ تالاي رەت باغرى ئۆرتۈنۈپ
بىز ئۈچۈن تاغ داۋان ئاشقان ئاتا ئانام
بالام دەپ تالاي رەت باغرى ئۆرتۈنۈپ
بىز ئۈچۈن تاغ داۋان ئاشقان ئاتا ئانام
تاغلاردەك قامىتىم گۈلخانىم ئاتام
باغلاردەك باھارىم مىھمانىم ئانام
تاغلاردەك قامىتىم گۈلخانىم ئاتام
باغلاردەك باھارىم مىھمانىم ئانام
歌詞製作:Nasirjan
更多>

喜歡【Bilal Enwer】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞