Meni Bar Dap歌詞

添加日期:2024-02-18 時長:04分06秒 歌手:Adila Sidik

作詞 : Adila Sidik
作曲 : Adila Sidik
編曲 : muradil abdusalam
مېنى بار دەپ
يارىم كەپتۇ ئۇزاقلاردىن مېنى بار دەپ
ئۆز يۇرتىنى تاشلاپتۇ ۋاي مېنى بار دەپ
ھېجرانغا يۈزلىنەلمەستىن مەنسىز كۈنلەر ئۆتەلمەستىن
ۋېسال شارابىنى ئىچەي دەپتۇ مېنى بار دەپ  
غەمخانىمەن ،سۆيگەنىمەن شۇ يار ئۆتىدا گۈلخانىمەن 
سېغىنغاندا بېرىۋالىمەن ھەي قەيەردە بولساڭ تېرىۋالىمەن
ھېچبىر گەپكە كىرمەپتۇ يار مېنى بار دەپ 
بېلىنى مەھكەم باغلاپتۇ يار مېنى بار دەپ 
نازىنىنلار تۇتالماستىن ،مېنى ھەجەپمۇ ئۇنتالماستىن ،
بۇ شەھرىمدە يۈرەي دەپتۇ مېنى بار دەپ 
غەمخانىمەن، سۆيگەنىمەن شۇ يار ئۆتىدا گۈلخانىمەن 
سېغىنغاندا بېرىۋالىمەن ھەي قەيەردە بولساڭ تېرىۋالىمەن
كۈنلەر بىدار تۈنلەر ئەبگار مېنى بار دەپ 
يۈرىكىدە ھەم بىر سانجىق بار مېنى بار دەپ 
نەسىھەتلەر كار قىلماستىن 
ئۆزىنى ئۆزى ئۇقالماستىن 
نېمە كۆرسەم كۆرەي دەپتۇ مېنى بار دەپ 
مەنمۇ سەندەك تەۋرەنمەستىن 
سۆيگۈمىزدىن گۇمانلانماستىن
باشقا كەلگەننى كۆرەي ھەم سېنى بار 
غەمخانىمەن ،سۆيگەنىمەن شۇ يار ئۆتىدا گۈلخانىمەن 
سېغىنغاندا بېرىۋالىمەن ھەي قەيەردە بولساڭ تېرىۋالىمەن
更多>

喜歡【Adila Sidik】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞