Hata(都是錯)歌詞

添加日期:2024-02-16 時長:03分56秒 歌手:Nurmamat Mijit

作詞 : Nurmamat Mijit
作曲 : Nurmamat Mijit/Habir Music
編曲 : Bahtiyar Yusan
演唱:Nurmamat Mijit
錄音:Mavlan Mamtimin(Mic-Studio)
母帶:Abduwali Parhat
مەن ساڭا كۆڭلۈمنى بەردىم سەن بەردىڭ جەۋرۇ جاپا
نەچچە رەت ئەزدىڭ دىلىمنى ئورۇنسىز قىلدىڭ خاپا
بولدى قىل ئەمدى سىنىڭدىن كۈتمىگەن بولاي ۋاپا
باشتىلا سىنى سۆيۈپ قىلغان ئىكەنمەنغۇ خاتا
بولدى قىل ئەمدى سىنىڭدىن كۈتمىگەن بولاي ۋاپا
باشتىلا سىنى سۆيۈپ قىلغان ئىكەنمەنغۇ خاتا
مۇزىكا
كۆز يىشىم دەريا بولۇپ ئاققاندا يار بىلگەنمىدىڭ
رازىمەن ھەممىگە دەپ ئاغزىڭدىلا دىگەنمىدىڭ
دەرتتە تۇرسام مىنى ئۇنتۇپ يات بىلەن يۈرگەنمىدىڭ
شۇنچە كۆڭۈل بۆلسەم ساڭا سەن كۆڭۈل بۆلگەنمىدىڭ
مۇزىكا
بەك نادان يۈردۈممۇ قانداق سەن بىرىپ تۇرساڭ دىرەك
بىھۇدە باغلاپ كۆڭۈلنى يۈرۈپتۇ مىسكىن يۈرەك
سۇلدىغۇ ئارمانلىرىم يوق بولدىغۇ ئارزۇ تىلەك
بىپەرۋا تاشلاپ كىتىپ كەلگەن يۈرەك كىمگە كىرەك
سۇلدىغۇ ئارمانلىرىم يوق بولدىغۇ ئارزۇ تىلەك
بىپەرۋا تاشلاپ كىتىپ كەلگەن يۈرەك كىمگە كىرەك
كۆز يىشىم دەريا بولۇپ ئاققاندا يار بىلگەنمىدىڭ
رازىمەن ھەممىگە دەپ ئاغزىڭدىلا دىگەنمىدىڭ
دەرتتە تۇرسام مىنى ئۇنتۇپ يات بىلەن يۈرگەنمىدىڭ
شۇنچە كۆڭۈل بۆلسەم ساڭا سەن كۆڭۈل بۆلگەنمىدىڭ
سەن كۆڭۈل بۆلگەنمىدىڭ
更多>

喜歡【Nurmamat Mijit】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞