Jupti bilan yaralgan herkim歌詞

添加日期:2024-02-08 時長:04分33秒 歌手:YasinjanTurdi

作曲 : YasinjanTurdi
جۈپتى بىلەن يارالغان ھەركىم
سۆزى : قۇربانجان ئىبراھىم
مۇزىكىسى: ياسىنجان تۇردى
قايغۇرمىغىن يارسىز قالساڭمۇ ،
بىر مېنىڭلا جۈپتۈم يوقكەن دەپ.
ئىشىكىڭنى چىكەر بىر ئاشىق ،
بولسا سەندە غۇرۇر ۋە ئەدەب .
تالاي جۈپلەر ياندىشىپ ماڭسا ،
يانلىرىڭغا قارايسەن بەلكىم .
شۇ ياشلىقىڭنىڭ ھەۋەسلىرىدىن ،
چاچلىرىڭنى تارايسەن بەلكىم .
تاھىر كۆيگەن زۆھرە ئوتىدا ،
شىرىنغىمۇ يارالغان پەرھات .
شۇ قۇشلارمۇ قويۇق ئورماندا ،
جۈپتى بىلەن قاقىدۇ قانات .
يالغۇز گۈلمۇ بۇلبۇلسىز قالماس ،
يوپۇرماقمۇ جۈپ جۈپ كۆكلەيدۇ .
جۈپتى بىلەن يارالغان ھەركىم ،
چىن ئاشىقىڭ ھامان ئىزدەيدۇ .
更多>

喜歡【YasinjanTurdi】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞