Atam歌詞

添加日期:2024-02-07 時長:04分37秒 歌手:Abdurusul Obul

作詞 : Abdurusul Obul
作曲 : Abdurusul Obul
編曲 : Abdurusul Obul
غەمگۈزارىم جان ئاتا سىزنى ئەجەپ سېغىندىم،
غېرىپ كۆڭلۈم بەزلەشكە باغرىڭىزنى سېغىندىم.
ئارزۇ قىلدىم تىلىدىم چۈشۈمدە بىر كۆرۈشنى،
مىڭ قۇياشنىڭ تەپتى بار مىھرىڭىزنى سېغىندىم.
يىقىلغاندا ھاياتنىڭ ئەگرى ـ توقاي يولىدا ،
تۇر ئوغلۇم دەپ يۈلەرگە قەددىڭىزنى سېغىندىم.
سېغىنىشنىڭ ئوتلىرى خەستە قىلدى دىلىمنى،
ئاھ نادامەت قوينىدا ئاتا سىزنى سېغىندىم..
يۈزىڭىزنى كۆرەلـمەي پەرياد ئۇرۇپ يىغلىدىم،
سىزبار بازار قاينىغان ئۆيىمىزنى سېغىندىم.
قەبرىڭىزنى يوقلىدىم سۆيدۈم يۈرەك قانمىدى،
بىر مەرتىۋە سۆيۈشكە يۈزىڭىزنى سېغىندىم.
نادان ئىكەنمەن بار چاغدا بىلـمەي يۈرۈپ قەدرىنى،
ئەمدىلىكتە ئاھ ئۇرۇپ ئاتا سىزنى سېغىندىم.
更多>

喜歡【Abdurusul Obul】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞