Anam《母親》歌詞

添加日期:2024-01-14 時長:07分04秒 歌手:Turgunjan-Atux

作詞 : Turgunjan-Atux
編曲 : Nurmammat-Keyum
بۇ دۇنيانىڭ كەتمەس باھارى
بەخىتلەرنىڭ ھېكمەت مۇنارى
بۇ دۇنيانىڭ كەتمەس باھارى
بەخىتلەرنىڭ ھېكمەت مۇنارى
يۈرەكلەرنىڭ مەڭگۈ خۇمارى
ھاياتىمنىڭ سۇلتانى ئانام
يۈرەكلەرنىڭ مەڭگۈ خۇمارى
ھاياتىمنىڭ سۇلتانى ئانام
ئانام ئانام ئانام باغلىرىم ئانام
ئانام ئانام ئانام تاغلىرىم ئانام
مۇزىكا
ئەنبەر چاچار قەلب گۈللىرىڭ
ئارمان بىلەن ئۆتتى كۈنلىرىڭ
ئەنبەر چاچار قەلب گۈللىرىڭ
ئارمان بىلەن ئۆتتى كۈنلىرىڭ
سىرداش بولدى ساڭا تۈنلىرىڭ
تەقدىرىمنىڭ قۇربانى ئانام
سىرداش بولدى ساڭا تۈنلىرىڭ
تەقدىرىمنىڭ قۇربانى ئانام
ئانام ئانام ئانام باغلىرىم ئانام
ئانام ئانام ئانام تاغلىرىم ئانام
مۇزىكا
پەرزەنتىڭنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ
سۈيىدىمۇ ئاقتىڭ سەن چۆمۈپ
پەرزەنتىڭنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ
سۈيىدىمۇ ئاقتىڭ سەن چۆمۈپ
ئازابقىمۇ باقتىڭ سەن كۈلۈپ
بۇ ئۆمرۈمنىڭ بوستانى ئانام
ئازابقىمۇ باقتىڭ سەن كۈلۈپ
بۇ ئۆمرۈمنىڭ بوستانى ئانام
ئانام ئانام ئانام باغلىرىم ئانام
ئانام ئانام ئانام تاغلىرىم ئانام
مۇزىكا
دەردلىرىڭنى يوشۇرۇپ چۆلگە
كۆيۈپ كۆيۈپ ئايلىنىپ كۈلگە
دەردلىرىڭنى يوشۇرۇپ چۆلگە
كۆيۈپ كۆيۈپ ئايلىنىپ كۈلگە
تېپىلمىدى ساڭا بىر ئۈلگە
ۋىجدانىمنىڭ داستانى ئانام
تېپىلمىدى ساڭا بىر ئۈلگە
ۋىجدانىمنىڭ داستانى ئانام
ئانام ئانام ئانام باغلىرىم ئانام
ئانام ئانام ئانام تاغلىرىم ئانام
ئانام ئانام ئانام باغلىرىم ئانام
ئانام ئانام ئانام تاغلىرىم ئانام
更多>

喜歡【Turgunjan-Atux】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞