Qiz-Yigit --- 情侶歌詞

添加日期:2024-01-08 時長:03分18秒 歌手:阿迪拉·斯迪克

作詞 : 阿迪拉·斯迪克
作曲 : 阿迪拉·斯迪克
سەن جاھاننىڭ ئەركىسى سەن نەۋقىران يىگىت
سەن جۈرئەتلىك شاھ بېتىدە مىسران يىگىت
زىممەڭگە ھەم يۈكلەنسىمۇ تاغدەك ئېغىر يۈك
سەن ئېگىلمەس بەيگىسىدە جەسۇرانە يىگىت
سەن ھاياتنىڭ بەرىكىتى سەن تىلتۇمارىم قىز
سەن مېھىرلەر ئەلچىسى سەن مېھرىبانىم قىز
سەن گويا بىر دېڭىز كەبى ئىللىق باغرىمدا
مېھىر بېرىپ پەرۋىش ئەتكەن پاسىبانىم قىز
ئادەم ئاتا دولقۇنلىرى بار قېنىمىزدا
ھاۋا ئانا ئوغۇز سۈتى بار لېۋىمىزدا
بۇ ئالەمنىڭ ئۇ قېتى سەن بۇ قېتىدا مەن
ئەسلى شۇنداق چىن ئىرادە بار دىلىمىزدا
بەخت قۇشۇڭ بولۇپ ھەردەم قوناي شېخىڭدا
دەرتلىرىڭگە بولۇپ دەرتمەن ئاقاي يېشىڭدا
ياشىغىن سەن ياشنىغىن سەن
ئەي مېنىڭ ئەركەم
مۇھەببەتكە سۆيگۈگە تول بولسام قېشىڭدا
سېنىڭسىز ئالەم بولالماس ئاستانە
سېنىڭسىز ئادەم ئۆزى بىر يىگانە
سېنىڭسىز كۈنلەر يۈرەرمەن سەرسانە
سېنىڭسىز تۈنلەر ئۇيقۇدىن بىگانە
سېنىڭسىز ئالەم بولالماس ئاستانە
سېنىڭسىز ئادەم ئۆزى بىر يىگانە
سېنىڭسىز كۈنلەر يۈرەرمەن سەرسانە
سېنىڭسىز تۈنلەر ئۇيقۇدىن بىگانە
更多>

喜歡【阿迪拉·斯迪克】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞