Isimde歌詞

添加日期:2024-01-07 時長:03分20秒 歌手:Sirkul

作詞 : Mz/Nutul
作曲 : SIRKUL
( HayatFM saloni )
« ئېسىمدە »
ئوينايتۇق ئاشۇچاغدا«ئون يېرىم»«زا »«رەڭ»«قاتا»
تېشىدا قويىتۇق لەگلەك ئۆيدە بولسا «تۆمۈر پاقا »
مۆكۈشمەك ئوينىساق مەن ئۆيگە قايتىپ ئالدايتىم ‏
بۇ ياشلىققا بولغان سالىمىم
ئون ئىككى ـ ئون ئۈچ ياشتا تۆمۈر ئوغۇرلاپ ساتىتۇق ‏
مەينەت بولۇشتىن قوقمايمىز بىز ئوت- چۆپلۈكتە ياتىتۇق ‏
ئەگەر مۇئەللىم ئىشقا بۇيرىسا خۇددى ئاتتەك چاپىتۇق ‏
ئېلى بىلەن گۈلگىنەنى توختىماي بىز چاتىتۇق ‏
ئون سەككىزگىمۇ توشتۇق تورخانىدا بىللە ئىشتۇق پىۋە
ئېسىل ئاداش دەيتۇق ئەگەر دوستىمىز خىپ خوپ كىيسە
چوڭ كۆرىمىز«ھاۋائارمىيە بىرىنجى نومۇر»لۇق ئاياغنى
ئۇچاغدابىزنىڭ باللا ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكەن شاپاقتى ‏
ھەر بىر قېتىم مۆرىمىزنى مۆرىمىزگە تەككۈزگەندە‏
ھەرقانداق خەۋەرلەرنى بىر بىرىمىزگە يەتكۈگەندە
باللا بىلەن ئۇرۇشۇپ مەكتەپ بىزنى كەتكۈزگەندە ‏
بىز بىللە ، بىز بىللە,‏
原諒我這一生不羈放縱愛自由
也會怕有一天會跌倒
背棄了理想 誰人都可以
哪會怕有一天只你共我
كۆزنى يۇمۇپ ئاشقۇچە بىلـمىدىم ياشلىق قەيەردىسەن ‏
قايتىدىغان پۇرسەت بولسا چوقۇم با تەييارغۇ مەن ‏
ئەگەر راستلا قايتسام بەلكىم چوڭ بولغۇم با دېمەيتتىم ‏
سەن بىلەن ئۆتكۈزۈپ تويمىغان شۇ ياشلىغىم ‏
ياشلىغىم ـــ بىلىمەن ئەمدى كەلـمەيدۇ ‏
ياشلىغىم ـــ ناخشام بىلەن ئەسلەيمۇ ‏
ياشلىغىم ـــ ئەسلىمەمدىن كەتمەيدۇ ‏
ياشلىغىم ـــ ياشلىغىم ‏
Nutul :
چوڭ بولدۇق بىزمۇ ئەمدى ۋاقىت بىلەن قوغلۇشۇپ ‏
ئىش ئۇقتۇق بارغانسىرى چوڭ بولغانغا ئۇلۇشۇپ ‏
تەقدىر قىسمەت بىزلەرنى تەرەپ تەرەپكە سورىۋەتسە ‏
قەدىر قىممەت ھەممىمىزنى ئۇلاپ تۇردى سورۇشۇپ ‏
ئەينى چاغدا ئوينىغان بىز بىللە ئويناپ تويمىغان ‏
بىللە ئويناپ قاندا بولۇپ كۈن پاتقاننى تۇيمىغان ‏
كېچىدىن قورقاتتۇق لىكىن كېچىدە كىرمەيتۇق ئۆيگە ‏
بۈگۈن شەنبىمۇ يەكشەنبە بۇنى بىز بىلـمەيتۇق ‏
تامدا قالغان توپ ئىزى بىزنىڭ«توققۇز توپ»نىڭ ئىزناسى ‏
شۇ چاغدا بىزار ئىدى بىزدىن مەلە چوڭلىرىنىڭ ھەممىسى ‏
مەلىدىن چىقمايتۇق بىلىنەتتى مەھەللە پۈتۈن دۇنيادەك ‏
تىيىن بولـمىسىمۇ ياندا يۈرتۇق كۆڭۈل توق ياندا پۇل بادەك
قىزىشىپ ئىچىشتۇق پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرگەندە ‏
بىلىمە ئاغىنە چوڭ بولدۇق« ئۇ »ئەسلىمە ‏
ئەسلىمىنى ئەسلىمىگىن چۈنكى يېنىڭدا بىز بىللە !‏
原諒我這一生不羈放縱愛自由
也會怕有一天會跌倒
背棄了理想 誰人都可以
哪會怕有一天只你共我
原諒我這一生不羈放縱愛自由
也會怕有一天會跌倒
背棄了理想 誰人都可以
哪會怕有一天只你共我
更多>

喜歡【Sirkul】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞