Yalguz(孤獨)歌詞

添加日期:2024-01-04 時長:03分20秒 歌手:Abduwali sattar

作詞 : Turadin Abdurehim Tajdar
作曲 : Abduwali sattar
يالغۇز
دىلىم ھىجراندىمەن يالغۇز
كۆزۈم گىرىياندىمەن يالغۇز
تىكەندۇرمەن باياۋاندا
ئۆزۈڭ رەيھاندا مەن يالغۇز
نېسىپ بولسۇن ، ساڭا ئاپتاپ
زىمىستان باغ ئۆزۈم يالغۇز
ياشاپ ئۆت خان سارايدا
غېرىپ ئايۋاندا مەن يالغۇز
سېنى دەپلا ياشاپ كەلدىم
ۋىسال تاپقاندا مەن يالغۇز
ساڭا ياغسۇن باھار ، مەڭگۈ
كۆيەي گۈلخاندىمەن يالغۇز
بولۇپ بۇلبۇل كەبى سايراپ
ئۆتەي بوستاندا مەن يالغۇز
قۇياش ئايلار سېنىڭ بولسۇن
يۈرەي ئاسماندا مەن يالغۇز
سىڭىپ كەت ، نۇر كەبى كۆككە
كۈتەي دەرماندىمەن يالغۇز
بەختنىڭ دىلبىرى بولغىن
قالاي ئارماندا مەن يالغۇز
更多>

喜歡【Abduwali sattar】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞