Dosluk Rixti歌詞

添加日期:2024-01-03 時長:03分58秒 歌手:Dilara Abduxukur

作詞 : Alimjan Azat
作曲 : Nazar Obul
باھاردەك ھاياتتا قۇش بولۇپ ئۇچسام
دوستلۇرۇم سامادا ئاچتى باغرىنى
ئوو باغلارغا شەبنەمدەك قونسام
خىلۋەتتە نۇر بولۇپ چاقناتتى مېنى
كىم دەيدۇ قىزلارنىڭ دوستى بولماس دەپ
غۇنچىدەك دوستلۇرۇم تۇرىدۇ ئوراپ
كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول با جاھاندا
گۈلنى گۈل ھەرگىزمۇ قىلمايدۇ خاراپ
دوستلۇرۇم تۈنلەردە دىلىمغا چىراق
ئۇلارغا دىلىمدىن كۆيىدۇ پىراق
خۇشلۇقۇم ھەسرىتىم ئۇلار بىلەن تەڭ
بىزلەرگە خۇي نىزا يىراقتۇر يىراق
قەلبىمىز ئاپتاپتەك يورۇق بىغۇبار
مەنزىللەر كۆكىدە ئۈچىمىز قاتار
بىز شۇنداق دوستلارمىز يۇلتۇزدەك يانغان
ئەل يۇرتقا مېھرىمىز سەل كەبى ئاقار
更多>

喜歡【Dilara Abduxukur】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞