Darddag Mukami歌詞

添加日期:2023-12-28 時長:04分55秒 歌手:Sami Osman

دەردداغ مۇقامىدىن ئارىيە
( 1- ئۆزگۈرۈش)
ناگاھان چىقتى بېغىدىن جىلۋە ئەيلەپ دلبەرىيەي
شۆھلىسى چۈشتى جاھانغا شەمسىدۇر يا مۇشتەرىيەي
مۇزىكا
يۈگۈرۈپ باردىم نەۋاخمەن مەن ئاڭا قىلدىم نەزەرەي
ماھىتاباندەك كۆرۈندىيەي ھۆرىيەڭلىق دوختەرىيەي
2 – ئۆزگۈرۈش
بىۋاپاغا بەرگەن كۆڭۈل كىشى ئادەم ئەمەس
مېھنەتۇ جەبرۇ جاپايەي ئاندىن زەبانىم كەم ئەمەس
دائىما رەنجى مۇشەققەت ئۇل كىشىنىڭ باشىدا
بارچە بولغاي شادى خەندان جان ئۇل كىشى بىغەم ئەمەس
3 – ئۆزگۈرۈش
دۇتتار چېلىپ ئولتاسام خىيالىمغا سەن كەلدىڭ
دەردەڭ بولسا ئېيت يارىم مۇڭداشقىلى مەن كەلدىم
دۇتتارىمنىڭ تارىسىنى چوقىۋالدى تۇمۇچۇق
كېلىڭ يارىم ئوينايلى سىز چىرايلىق مەن ئوچۇق
مۇزىكا
چالسام يارىم دۇتتارنى ئۇنىڭ تارى ئۈزۈلمەس
سۆيگۈ ئوتى يۈرەكتە يالقۇنجايدۇ كۆمۈلمەس
更多>

喜歡【Sami Osman】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞