yalhuz kixlik olturux歌詞

添加日期:2023-12-27 時長:05分12秒 歌手:anwarjan kurban

作詞 : Rahmanjan Awut Ozhal
چىي يوق ، پىيالە بولسىلا يېتەر
مەن ئۇنى قەدەھ دەپ خىيال قىلسام بەس
سىردىشىم شۇ دەمدە غېرىپ گىتتاردۇر
گىتتارنىڭ ئۈنىدە قەلبىم بۇلار مەس
سازىمنى چالىمەن ، ئېھتىيات بىلەن
خوشنىلار سەزمەستىن ئاڭلىغاي ئۇنى
ھەممىنى ئال دۇنيا ساڭىلا بېرەي
قىزغىناي مۇڭ باسقان غېرىپ كۈيۈمنى
ساز ماڭا جاناندۇر مەيدۇر  كەيپتۇر
يالغۇز قوي ھەي ئىنسان مەندىن يىراق تۇر
غەم ھەسرەت دەرت ئەلەم ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىقلىق شۇ ئېرۇر  ياكى پىراقتۇر
ئۈلپەتكە مۇھتاجمەن  ئىنسانغا ئەمەس
مەن بىلەن مۇڭداشقىن دىلكەش گىتتارىم
ئۇنتۇپ كېتەرمەن دۇنيانى تامام
يالغۇز مۇڭ ئۈنىدە يوقتۇر ئازارىم
مەن سازغا مېھمانمەن ئۇ ماڭا مېھمان
تەرىپلەش يا ئالقىشلارھىچ ھاجەت ئەمەس
مال دۇنيا شانشۆھرەتكە قۇل بولما كۆڭلۈم
ھاياتنڭ ئوڭ سولى ئۇنۇڭدا ئەمەس
ساز ماڭا جاناندۇر مەيدۇر  كەيپتۇر
يالغۇز قوي ھەي ئىنسان مەندىن يىراق تۇر
غەم ھەسرەت دەرت ئەلەم ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىقلىق شۇ ئېرۇر  ياكى پىراقتۇر
ئاشىقلىق شۇ ئېرۇر  ياكى پىراقتۇر
更多>

喜歡【anwarjan kurban】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞