NIMJIANIM(prod.by yeruile)歌詞

添加日期:2023-12-25 時長:03分00秒 歌手:海瓦斯Hawvas

作詞 : 海瓦斯Hawvas
作曲 : 爺瑞了
Artis:海瓦斯
封面:ANYAR
mix:wacky boi
سوغۇق شاماللاردا نىمجان بولدى گۈلزارىم
ئاجىز چاغلىرىمدا بەرىكەت بولدى ، دىدارىڭ
دېدىڭ ماڭا سېنىڭ نېمە كارىڭ ؟
سېنى قۇچاقلاشقا يوقتۇر مېنىڭ ئىمكانىم
سوغۇق شاماللاردا نىمجان جان بولدى گۈلزارىم
ئاجىز چاغلىرىمدا بەرىكەت بولدى ، دىدارىڭ
دېدىڭ ماڭا سېنىڭ نېمە كارىڭ ؟
سېنى قۇچاقلاشقا يوقتۇر مېنىڭ ئىمكانىم
توساتتىن ، كەلدى يەنە تېلېفون
بىلمىدىم پەرىشتىمۇ پېرىخون
سەن پېرخون ، سەن پېرخون
ھەممە ئوغۇللارنى سېھىرلەيسەن
ئىچىڭدىكى سىرلىرىڭنى بىلسەم دەيمەن
ۋاز كېچىپلا ، بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ يۈرسەم دەيمەن .
لېكىن كۆنەلمەيمەن ، سەن يوق كۈنگە كۆنەلمەيمەن ،
ئۆزۈمنى بىلەلمەيمەن ، ھېچنېمىنى كۆرەلمەيمەن
بىلمەيسەن ، مەن قانچىلىك قىينالدىم  سەن خاتىرجەم بىر كېچىدە
ماڭا گۈزەل بىر بولۇڭ يوق بۇ دۇنيانىڭ ئىچىدە
كېچىدە ، مەن يالغۇز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە
كىشىلەر بەختلىك مەن تەشۋىشنىڭ ئىچىدە .
جىمىكى ئالەمگە سادايىم ساپايىم ، شەپەقنى قىزارتقان ئەرش بىلەن
ئەقىدە ساداقەت سۆيگۈدىن ساۋاتسىز چىراي بولسىلا پەرىشتە ئىكەن
، غۇنچىنى ئۈزمىگەن ۋىجدانىم چوڭ كېلىپ سۇغارغان مەن سېنى پەرۋىش بىلەن
مەن بىلگەن ئاددىيلا گۈزەل قىز ئەسلىدە يۇمىلاق پېرسوناژ ئارتىس ئىكەن .
مېنىڭ قىينالدى جانىم
مېنىڭ قىينالدى جانىم .
سوغۇق شاماللاردا نىمجان بولدى گۈلزارىم
ئاجىز چاغلىرىمدا بەرىكەت بولدى  دىدارىڭ
دېدىڭ ماڭا سېنىڭ نېمە كارىڭ ؟
سېنى قۇچاقلاشقا يوقتۇر مېنىڭ ئىمكانىم
سوغۇق شاماللاردا نىمجان بولدى گۈلزارىم
ئاجىز چاغلىرىمدا بەرىكەت بولدى  دىدارىڭ
دېدىڭ ماڭا سېنىڭ نېمە كارىڭ ؟
سېنى قۇچاقلاشقا يوقتۇر مېنىڭ ئىمكانىم
سوغۇق شاماللاردا نىمجان بولدى گۈلزارىم
ئاجىز چاغلىرىمدا بەرىكەت بولدى  دىدارىڭ
دېدىڭ ماڭا سېنىڭ نېمە كارىڭ ؟
سېنى قۇچاقلاشقا يوقتۇر مېنىڭ ئىمكانىم
更多>

喜歡【海瓦斯Hawvas】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞