Külüp baq歌詞

添加日期:2023-12-20 時長:02分47秒 歌手:YoungQz

作詞 : YoungQz
作曲 : YoungQz
錄音/混音:NASSA廠牌工作室
ئازابىڭنى مەن چۈشىنىمەن ، لېكىن ھاياتقا كۈلۈپ باققىن
ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىڭ بولسىمۇ ، ھاياتىڭغا كۈلۈپ باققىن .
ھەر ئىشلارغا شۈكرى قىلىپ ، تاڭ ئاتقاننى كۆرۈپ باققان .
ئۆمرۈڭنى تۈگەشتۈرمە ھاياتىڭغا بولۇپ ساتقىن
تاتلىق دەپ بىلىگەن دۇنيادا ئاچىقىقا كۆنمىز ھەمدە
ئەسلى دېمەي دېگەن ئەمما چەككەن گۇناھ سەندە
ئۆزۈڭ بىلىسەن پۇشايمان ئىچىدە ئاچچىق كەيپنى سۈرۈپ باقتڭ
ئاخىرقى تىنىقىڭدا ، ئەمدى ھاياتقا ئاچچىق كۈلۈپ باققىن .
ۋاقىت بەردى ئېلىپ كېتىدۇ ، مۇشۇنداق بولىدۇ زادى .
مۈكچىيىپ ئولتۇرغان بوۋاي، ياش بىر يەرگە باردى
ئەسلىدە سېنىڭ تىلىكىڭ بالاڭنىڭ تويىنى كۆرۈشىدۇ .
ھازىر بولسا جىق نەرسە ئەمەس ، خاتىرجەم كۆز يۇمۇش ئىدى .
بۇ ياشقا كەلگەندىن ، نەدىن بەردى بۇ كېسەلنى ساڭغا
راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىكەن، ياتىدۇ ، دوختۇرخانىدا .
تەقدىرگە قولنى قويدى سۇندى چىدام غەيرىتى .
بالىلىرى دوختۇرغا ئېسىلىپ دەيدۇ ، پۇل كەتسىمۇ مەيلىتى
پۈتۈن ئۆمرۈڭنى 2 مىنۇتقا جەملەپ قويدۇم، كۆرۈپ باق .
ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىڭدا بولسىمۇ ، ھاياتىڭغا كۈلۈپ باق
جاپاكەش ئانا ھەمدە قەيسەر بالا .
بىر ئايلىق مائاشىڭنى بەردى ، چىڭ تۇتۇپ سەن سانا .
ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، كۆرۈنىۋاتىدۇ بەختىمىز .
ئۆيگە بېرىپ دېگۈڭ بار ئىدى ، ئاپا ، جاپا چەكتىڭىز .
ئۆيۈڭگە سەل كەچ قالدىڭ ئاپتوبۇسنىڭ كاشىلىسى .
كېلىپ كۆردۈڭ ، ئۆي ئالدىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى .
مەلىتى ئۇنىڭ بۇنىڭغا سوقۇلۇشمۇ
چوڭ بىر تىنىۋېتىپ دېدىڭ مەن قانداق تۇرمۇش بۇ ؟
ھايات قىينايدكەن ئادەمنى مۇشۇنداق . غەيرى .
ياشنى سۈرتۈپ ئۈمىدىڭ بىلەن قايتا يېڭڭنىنى تۈرۈپ باق
يەنە دېسەم ، يەنە شۇ ھاياتىڭغا كۈلۈپ باق .
ئادەم ئادەمنى چۈشەنمەيدۇ، باشقا كەلگەندە ئاندىن بىلمىز
يىغلايمىز يا كۈلىمىز ئۇنىڭدىن باشقا قانداق قىلىمىز ؟
ئۆزۈڭگىلا ئەمەس ، ئەتراپتىكىنى كۆرەپ ئويلا
شۇڭلاشقا بىرسىگە سەن ئالدىراپ تۆۋەن باھا قويما
ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز قىممىتى بار ، ئالتۇن بولامدۇ مىسمۇ .
توڭلاپ دۈگدەيگىنىڭدە جان كۆرۈنىدۇ ،ئىسمۇ
ئەمدى تۈگىدى ساڭا ياقمايدىغان نەر بولسۇن .
مەيلى قەرزى بولسۇن
شۇڭلاشقا ، دەيمە ما ھاياتنىڭكى قەدرى بولسۇن
更多>

喜歡【YoungQz】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞