Aslarsanmu (說好不哭)歌詞

添加日期:2023-12-19 時長:04分47秒 歌手:Abdulla Abdurehim 阿不都拉

作詞 : Nadir
作曲 : Axik Hudaberdi
«ئەسلەرسەنمۇ»
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
سېنى ئويلاپ ئۆتتى كۈنۈم
سەنمۇ مېنى ئويلارسەنمۇ
ھەر بىر سۆزۈڭ بىر مۇڭ غەزەل
سەن ھەم مېنى ئەسلەرسەنمۇ
قولۇڭ تۇتۇپ ئۆتەلمىدىم
ۋىسالىڭغا يىتەلمىدىم
ھېچ بىر سۆزۈم ئېيتالمىدىم
بۇ كۆڭلۈمنى بىلگەيسەنمۇ
جاندىن كەچتىم جانىم بىلەن
سەنسىز تارتقىنىم بولدى ئەلەم
سەن يۈرەگىم سەن مەھبۇبەم
مەن غېرىپتىن كەچكەيسەنمۇ
جاندىن كەچتىم جانىم بىلەن
سەنسىز تارتقىنىم بولدى ئەلەم
سەن يۈرەگىم سەن مەھبۇبەم
مەن غېرىپتىن كەچكەيسەنمۇ
(مۇزىكا)
ئەپسۇس دەيمەن باغرىم ئەلەم
زىرىكىمەن يالغۇزلۇقتىن
ساڭا يىتەلمىگەنىمدىن
ياكى سەنمۇ كۈلەرسەنمۇ
شىرىن ئەسلىمە قالدى گۈزەل
سەنمۇ ئۇنى ئىزلەرسەنمۇ
ئويلاپ يۈرەگىم قېينىلار
سەنمۇ مىنى ئويلارسەنمۇ
جاندىن كەچتىم جانىم بىلەن
سەنسىز تارتقىنىم بولدى ئەلەم
سەن يۈرەگىم سەن مەھبۇبەم
مەن غېرىپتىن كەچكەيسەنمۇ
جاندىن كەچتىم جانىم بىلەن
سەنسىز تارتقىنىم بولدى ئەلەم
سەن يۈرەگىم سەن مەھبۇبەم
مەن غېرىپتىن كەچكەيسەنمۇ
جاندىن كەچتىم جانىم بىلەن
سەنسىز تارتقىنىم بولدى ئەلەم
سەن يۈرەگىم سەن مەھبۇبەم
مەن غېرىپتىن كەچكەيسەنمۇ
جاندىن كەچتىم جانىم بىلەن
سەنسىز تارتقىنىم بولدى ئەلەم
سەن يۈرەگىم سەن مەھبۇبەم
مەن غېرىپتىن كەچكەيسەنمۇ
.....
更多>

喜歡【Abdulla Abdurehim 阿不都拉】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞