Melimizde meshrep bar - Ablajan Awut Ayup歌詞

添加日期:2023-11-21 時長:05分59秒 歌手:Ablajan Awut Ayup

作詞 : Ablajan Awut Ayup
作曲 : Ablajan Awut Ayup
مەلىمىزدە مەشرەپ بار
مۇختەر بۇغرا
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مەلىدىكى دەريادا،
قاشتىشى ھەم سەدەپ بار.
ھەي دوستلۇرۇم كىلىڭلار،
مەلىمىزدە مەشرەپ بار.
مەشرەپ قىززىغان يەردە،
ئويۇن بىلەن ئەدەپ بار
بىزنىڭ مەلە بەك ئاۋات،
ھەممە ھويلا باراڭلىق.
ئوتتۇز ئوغۇل تۇققۇز قىز،
كىيىۋاپتۇ بايراملىق.
ساۋىدايدۇ مىرشاپ بەگ،
ئەگەر قىلساڭ ساراڭلىق.
مەشرەپ دىگەن تۈزەيدۇ،
بىئەدەپنى ئاخماقنى.
مەشرەپ دىگەن تۈزەيدۇ،
بىئەدەپنى ئاخماقنى.
مەشرەپ دىگەن ئۈگۈتەر،
غەزەل ناخشا قوشاقنى.
ئىلىم-ئىرپان ئەخلاقنى،
دۇرۇس ئادام بولماقنى.
پاششاپ بىكار تۇرمايدۇ،
ئىجرا قىلار جازانى.
قىلىپ قويۇپ ئاچكۆزلۈك،
بۇلغاپ قويساڭ غىزانى.
يەر تەگىگە كىرىسەن،
كۆتۈرەلمەي ئىزانى.
مىرشاپ ئۆزى بەك چاققان،
ئۆتىكىگە مىخ قاققان.
ئەدەپسىزلىك قىلغاننى،
بىردەمدىلا ئۇ تاپقان.
ئالا كالتەك قولىدا،
«غاچ-غاچ» جۇۋازغا قاتقان.
يىگىت بېشى يۇرت بېشى،
قارا بومبا ساقاللىق.
قايىل قىلار ھەممىنى،
سۆزى تەمسىل ماقاللىق.
دەۋالارنى ھەل قىلار،
خۇيمۇ تەدبىر ئاماللىق.
مەشرەپ
مەشرەپ
مەشرەپ
سۆزلەر داستان جەڭنامە،
مەلىمىز ۋائىزلىرى.
مۇقام باشلار نەغمىكەش،
قوللىرىدا سازلىرى.
چۈشەر ھەتتا ئۇسسۇلغا،
توگە،ئۆردەك،غازلىرى.
مەشرەپ
مەشرەپ
مەشرەپ
مەشرەپ
مەشرەپ ئەھلى دەرقەمدە
بىر رېتىم بىر قەدەمدە
ھەممە ساما-سەنەمدە
مەشرەپ قاينار مەلەمدە
تىپىلمايدۇ ھەي دوستلار
مۇنداق سورۇن ئالام
更多>

喜歡【Ablajan Awut Ayup】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞