NigarimGha 想你了我的愛人歌詞

添加日期:2023-10-01 時長:06分45秒 歌手:Dilxat Tursun

作曲 : shohratAlim
作詞 : turan hanim
نىگارىمغا
سۇزى : تۇران خانىم
مۇزىكىسى: شاھىدە شاھىمەردان
بۇلبۇلۇم سالامىمنى ئېيت بېرىپ نىگارىمگە
يۈزى ئايدەك كۆزى چولپان مىنىڭ ئارامى جانىمگە
دېگىن ۋەسلىڭ ئۈچۈن يارىم گۈلزارىلار ئارا بىھۇش
نىگارىم كاسا مەي ئېشكەش كېلىبان بوستانىمگە
نىگارىم كاسا مەي ئېشكەش كېلىبان بوستانىمگە
بېشىم كۆككە يېتەر يەتسە سۆيگۈڭنىڭ ۋىسالىگە
ئىشقى ئوتىدا ئۆرتەندىم داۋا بارمۇ بۇ جانىمگە
سۆيگۈدىن دېرەك ئىزدەپ مەن لەيلى كەبى سەرسان
تىزدىم نېھمەتۇ ئالۋان كېلەر دەپ دەستۇخانىمگە
تىزدىم نېھمەتۇ ئالۋان كېلەر دەپ دەستۇخانىمگە
ئۇچۇپ كەلسە ئەگەر تۇرنا مەن خەت ئاتسام قاناتىگە
بېرىپ قويساڭ ئاشۇ ۋەيران يۈرەك زەردابۇ يارىمگە
مىنى ئاشىق ئەيلىگەن شۇ يار ئۆلمىسۇن بولۇپ نابۇت
ماڭا رەھمە ئەيلىگىن بۇلبۇل قالمىغىن ئۇۋالىمگە
ماڭا رەھمە ئەيلىگىن جانان قالمىغىن ئۇۋالىمگە
更多>

喜歡【Dilxat Tursun】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞