Humar歌詞

添加日期:2023-09-19 時長:03分37秒 歌手:Abletjan Ablikim

作詞 : Abletjan Ablikim
作曲 : Abletjan Ablikim
ئېسىمدە شۇنچە گۈزەل كۆزلىرىڭ
كۆڭلۈمنى ئېرىتىدۇ سۆزلىرىڭ
قېنى كۆزلىرىڭ
قېنى سۆزلىرىڭ
ئۇزۇن بولدى كۆرمىدىم
سەن يەنە نەگە كەتتىڭ ؟
سىمايىڭ كۆز ئالدىمدا
گەرچە بولمىساڭمۇ يېنىمدا
ئۇيقۇ يوق ، كېچىسى ماڭا
چۈنكى سەن يەنىلا ئويۇم دا
خۇمار خۇمار
كۆزلىرىڭگە خۇمار
خۇمار خۇمار
سۆزلىرىڭگە خۇمار
مەھەللەڭدە يۈرمەن
سېنى بارمىكىن دەپ
سەنمۇ قېچىپ يۈرۈيسەن
مېنى بارمىكىن دەپ
قاچما گۈزەلىم
كەلگىن بولغىن خانىشىم
ئۇزۇن بولدى كۆرەلمەي ، سېنى
سىقىلدى ئىچىم
تولسۇن ، خۇشاللىققا كۆزۈڭ
راستچىللىققا سۆزۈڭ
قاردەك ئاق بولسۇن ، كۆڭلۈم
كويۇڭدا بولاي ، ئۆزۈم
خۇمار خۇمار
كۆزلىرىڭگە خۇمار
خۇمار خۇمار
سۆزلىرىڭگە خۇمار
ئۈزۈپ بېرەي ، باغدىن گۈل ساڭا
كۆڭۈل بەرگىن گۈلۈم ، سەن ماڭا
ئوتۇڭدا ياناي
سۈيۈڭدە ئاقاي
سۆزۈمدە يالغان يوق
ئىشەنگىن ، ماڭا
خۇمار خۇمار
كۆزلىرىڭگە خۇمار
خۇمار خۇمار
سۆزلىرىڭگە خۇمار
خۇمار خۇمار
كۆزلىرىڭگە خۇمار
خۇمار خۇمار
سۆزلىرىڭگە خۇمار
خۇمار خۇمار
كۆزلىرىڭگە خۇمار
خۇمار خۇمار
سۆزلىرىڭگە خۇمار
更多>

喜歡【Abletjan Ablikim】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞