Ber Kuni歌詞

添加日期:2023-09-02 時長:03分54秒 歌手:Yakupjan-Baki

作詞 : 無
作曲 : Yakupjan-Baki
بىركۈنى
بالاڭ ئازسا ئاھ ئۇرما يول تاپىدۇ بىركۈنى
ئامان بولسا ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىركۈنى
كۆندۈرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىركۈنى
تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ نان ياقىدۇ بىركۈنى
سەنمۇ ئاتا ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ
ئوغۇل قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىركۈنى
بۇ دۇنيادا ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار ۋاقتى بار
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ئۆي باقىدۇ بىركۈنى
يامان دېسەڭ بالاڭنى كىم بېرىدۇ ياخشىنى
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىركۈن
更多>

喜歡【Yakupjan-Baki】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞