Kizil Gulum(翻自 Halik)歌詞

添加日期:2023-08-19 時長:04分17秒 歌手:Shafaet Osman

作詞 : Korla Halik Nahxisi
作曲 : Korla Halik Nahxisi
演唱 : Shafaet Osman
編詞 : Erfan Abduwali
قىزىل گۈلۈم (Disco Version)
قىزىل گۈلۈم قارچۇغانىڭ بالاسى
قانداق قىلاي ئەي كۈزۈمنىڭ قاراسى
قانات ياساپ ئۇچۇپ بارسام يانىڭغا
ساقيار ئىدى يۈرۈگۈمنىڭ ياراسى
باسالمايدۇ ھېچ كىشى خۇمارىمنى
ئېسىۋالاي قىزىل گۈل تۇمارىنى
سېغىنغاندا مەلەڭگە باراي دەيمەن
ئەمما يارىم بىلمەيمەن خىيالىڭنى
سېغىنغاندا مەلەڭگە باراي دەيمەن
ئەمما يارىم بىلمەيمەن خىيالىڭنى
♬ ♪ ♬ ♪ ♬
تۇلا ئىكەن بۇ قويلارنىڭ قاراسى
بەكمۇ يىراق ئىككىمىزنىڭ ئاراسى
ئارا يىراق دەپ ئۇنتۇپ كەتمەڭ دوستۇم
ھايۋان ئەمەس بىزمۇ ئادەم بالىسى
بوز يىگىتىمنى ساقلىسام كۆيگەلى
ئۇزۇن بوپتۇ شېرىن لىۋىڭ سۆيگەلى
ئاستا ئولتۇرۇپ ئۇزۇننى خىيال قىلسام
بولمايدىكەن سىزدىن كۆڭۈل ئۈزگەلى
ئاستا ئولتۇرۇپ ئۇزۇننى خىيال قىلسام
بولمايدىكەن سىزدىن كۆڭۈل ئۈزگەلى
♬ ♪ ♬ ♪ ♬
قاغا ئۇچسا قاناتىغا قارايمەن
نەدە بولساڭ گەپ-سۆزۈڭنى ئاڭلايمەن
مەندىن باشقا ئۆزگىلەرگە گەپ قىلساڭ
ساقچى بولۇپ پۇت قولۇڭنى-باغلايمەن
قاغا ئۇچسا قاناتىغا قاراڭلار
گۇنا قىلسا زەنجىر بىلەن باغلاڭلار
دوسلارىغا قەس قىلغان دۈشمەننى
ئادەم باماس باياۋانغا پالاڭلار
دوسلارىغا قەس قىلغان دۈشمەننى
ئادەم باماس باياۋانغا پالاڭلار
更多>

喜歡【Shafaet Osman】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞