Wapa Kuyi (愛曲)歌詞

添加日期:2021-03-09 時長:03分31秒 歌手:Abdulla Abdurehim 阿不都拉

作詞 : Rozi Sayit
作曲 : Ablet Ablikim阿布來提阿布力克木/Abdulla Abdurehim 阿不都拉
«ۋاپا كۈيى»
(قىز ۋاپادار، يىگىت مەرد)
شۇنچە گۈزەل جاھاننىڭ باغۇ-سەيناسى
قىز-يىگىتلەر شۇ باغنىڭ گۈلى-لەيلاسى
شۇنچە گۈزەل جاھاننىڭ باغۇ-سەيناسى
قىز-يىگىتلەر شۇ باغنىڭ گۈلى-لەيلاسى
گۈل بولمىسا بۇلبۇلغا باغ زىمىستان
گۈللەر بۇلبۇل نەۋباھارنىڭ شەيداسى
گۈل بولمىسا بۇلبۇلغا باغ زىمىستان
گۈللەر بۇلبۇل نەۋباھارنىڭ شەيداسى
ئالەم گۈزەل، ھايات شېرىن، جان دوستلار
چىن سۆيگۈدە گۈزەللىكنىڭ بەرپاسى
ئالەم گۈزەل، ھايات شېرىن، جان دوستلار
چىن سۆيگۈدە گۈزەللىكنىڭ بەرپاسى
——
قىزلار ئوماق، قىزلار زىبا، ۋاپالىق
قىزلار ۋاپا گۈلشەنىنىڭ يەكداسى
يىگىتلەر شوخ، يىگىتلەر مەردۇ-مەردانە
يىگىتلەر سۆيگۈ ئاسمىنىنىڭ ئەنقاسى
——
قۇياش نۇرلۇق، ئايمۇ يورۇق ئاسماندا
ھەمراھ ئاڭا چولپان بىلەن زۆھرەسى
مېھرى-شەپقەت قۇچىقىدا ياشنايدۇ
قىز-يىگىتنىڭ بەختى مۇراد دۇنياسى
قۇياش نۇرلۇق، ئايمۇ يورۇق ئاسماندا
ھەمراھ ئاڭا چولپان بىلەن زۆھرەسى
مېھرى-شەپقەت قۇچىقىدا ياشنايدۇ
قىز-يىگىتنىڭ بەختى مۇراد دۇنياسى
——
ئالەم گۈزەل، ھايات شېرىن، جان دوستلار
ساداقەتتە مۇھاببەتنىڭ ئاساسى
ئالەم گۈزەل، ھايات شېرىن، جان دوستلار
بىزگە مەنسۇپ بۇ گۈزەللىك دۇنياسى
ئالەم گۈزەل، ھايات شېرىن، جان دوستلار
بىزگە مەنسۇپ بۇ گۈزەللىك دۇنياسى
更多>

喜歡【Abdulla Abdurehim 阿不都拉】您也可能喜歡TA們的歌詞…

更多>

最新歌詞